ئەردوغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى ئورۇندىدىمۇ؟-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > خەلقئارا >

ئەردوغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى ئورۇندىدىمۇ؟

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 17518   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 23-07-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

نۇر تورى تەرجىمىسى:
15-ئىيۇلدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بەلكىم تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ قارا كۈنلەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن. بىر نورمال دېموكراتىك تۈزۈمدە ھۆكۈمەت پەقەت سايلام ئارقىلىقلا ئالمىشىدۇ، بۇ قېتىم ۋەقە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسىنىڭ قايتا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيانغا ئۇچرىشىغا ئايلاندى. بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرق «سەركىسى» دەپ ئاتالغان تۈركىيە «تۈركىيە ئەندىزىسى» سۈپىتىدە ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئەمما «قوشنا دۆلەت بىلەن نۆل ئىختىلاپ سىياسىتى»نىڭ مەغلۇپ بولۇشى، چىرىكلىكنىڭ ئاشكارلىنىشى قاتارلىقلار ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە قېتىم تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 15-ئىيۇل كېچىدە ئەمەلگە ئاشمىغان بىر قېتىملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ يەنە بىر قېتىم دۇنيانى چۆچۈتتى.
سىياسىي ئۆزگىرىپ قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈركىيە زۇڭلىسى تۈركىيە NTV تېلۋىزىيەسى ئارقىلىق قىسمەن ئوفىستىر-ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. زۇڭتۇڭ ئەردوغان Facetime ئارقىلىق ئاممىنى كوچىغا چىقىشقا مۇراجىئەت قىلىپ، قوللىغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدىكى «قەھرىمانلىق» ئورنىنى مۇقىملىدى.
سىياسىي ئۆزگىرىش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەردوغان بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشنى گۈلەن ھەرىكىتى قوزغىدى دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئەھۋال بولسا گۈلەن ھەرىكىتىگە قاراشلىق بارلىق مەكتەپ، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات، بانكا، ھەتتا دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزىۋالدى، گۈلەن ھەرىكىتى ئاساسىي جەھەتتىن رولىنى يوقاتتى. 
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ «ئۆتكۈزىۋېلىش» جەريانىدا گۈلەننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھېچقانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتى قوللانماي نارازىلىق بىلدۈردى. گۈلەن ھەرىكىتى ناۋادا مۇشۇنداق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، سىياسىي ئۆزگىرىش چوقۇم بىرقانچە يىل بۇرۇنلا قوزغالغان بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن، گۈلەننىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدىغان يېتەرلىك پاكىت يوق، ئەمما بىر ئىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇ دەل بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئىلگىرى يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن روشەن ئوخشىماسلىققا ئىگە، ئاز ساندىكى ھەربىيلەر ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى گېنىراللار قوزغىغان. سىياسىي ئۆزگىرىش باشلانغاندىن كېيىنكى بىر قانچە سائەتلىك جەرياندا بىز چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىك جەھەتلەر بار.
 

ئىنتايىن ئوخشىمايدىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش
تۈركىيە خەلقى تارىختا كۆپ قېتىملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ئەمما بۇ قېتىمقى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش نۇرغۇنلىغان كىشلەردە گۇمان پەيدا قىلدى. تۆۋەندە بىر قانچە تەرەپتىن بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى:
1. تۈركىيە تارىخىدىكى باشقا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ۋاقتى نورمال ئەمەس. چۈنكى تارىختا ئادەتتە ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشنى كېچىسى پىلانلاپ، ئارقىدىن سەھەردىن باشلاپ ھەرىكەتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرھال ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھەرقايسى ھۆكۈمەت بىناسى قاتارلىقلارنى قامال قىلىدۇ ياكى كونترول قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاممىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرىشىدىن ئاسان ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش كىشلەر ئۆيىدىن چىققاندا يۈز بەردى ھەم ئىستانبۇلدىكى ئىككى چوڭ كۆۋرۈكنىڭ تاق يۆنىلىشلىك قاتنىشى كىچىك دەرىجىدىكى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن توسۇپ كونترول قىلىندى. شۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەر غەزەپلەندى ۋە ياقتۇرمىدى. بىر نورمال سىياسىي ئۆزگىرىشتە چوقۇم بارلىق شەھەر كونترول قىلىنىدۇ، ئەكىسچە بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش پەقەت ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە ئىككى شەھەردىلا قوزغالدى.
2. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندا، ھەربىيلەر دەرھال سىياسىي داھىينى قولغا ئالىدۇ، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەنىڭ رەھبىرى، بارلىق مۇھىم كىشى ۋە ئورۇنلارنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، باش قوماندان ئۆزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كېلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ قېتىملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتە، ھېچقانداق سىياسىي داھىي قولغا ئېلىنمايلا قالماستىن، ھەتتا زۇڭتۇڭ، زۇڭلى قاتارلىق سىياسىي داھىيلار ناھايىتى ئاسانلا تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلىدى ھەم باشقا تېلېۋىزىيە قانىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشلەرلا تۈركىيە تېلۋىزىيەسى (TRT) نىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى كۆردى، CNN تۈركچە قانىلى پەقەت قىسقا ۋاقىت ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى. ئەزەلدىن ئەردوغاننى قوللاپ ھەم تەشۋىق قىلىۋاتقان باشقا تېلېۋىزىيە ۋە ئاخبارات ئاگېنىتلىقلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال خىزمەت قىلدى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن كىشلەر كوچىدا چىققاندا ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرىكى سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئەكىسچە بولغىنى، ئارمىيە مەمۇرىي خادىملارنى قولغا ئالمىدى، ئەكسىچە قومانداننى قولغا ئالدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كوچىدا ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئالدىدىكى ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى.
3. تۈركىيە تارىخىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ھەممىسىدە بارلىق ھەربىيلەر گازارمىدىن ئايرىلىپ، بارلىق ئايرودروم ۋە چوڭ مەيدانلارنى كونترول قىلغان. ئەمما بۇ قېتىم پەقەت بىر قانچە ئايروپىلان، ئاز ساندىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە تانكا سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشتى. ئەكسىچە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا كىرىشتە چوڭ سىناق ئارقىلىق ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ كىشلەر ئادەتتە مەلۇم جەھەتتىكى سەرخىللار. بىز ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئازراقلا ئەقلى بار ھەرقانداق ھەربىي بۇنداق ئاز ساندىكى ئادەمنى قوزغىتىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنمايدۇ. بوسفور كۆۋرۈكى ۋە كۆۋرۈكتە تاياق يېگەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنگەن ۋاقىتتا «بىزنىڭ كوماندىرىمىز بىزگە بۇنىڭ بىر مەيدان مانىۋېرلىقىنى ئېيتقان ئىدى» دېگەن.
مارمارستىن كەلگەن ئايروپىلان ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايروپورتىغا قونۇشتىن ئىلگىرى، 17 سېكۇنت ئىچىدە رۇسىيەنىڭ  Su-24 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەن ھاۋا ئارمىيەسى ھاۋادا ئەردوغاننى توسالمىغان. قايتا دېسەك، ئەردوغان مارمارستىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاندىن تەخمىنەن ئوتتۇز ئەسكەر شۇ جايدىكى قونالغۇغا بارغان، سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغان ئوفىستىر-ئەسكەرلەرنىڭ ئاخبارات ئىگەللەش جەھەتتە بۇنداق ناچارلىقىغىمۇ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.
4. ئەردوغان ئاخبارات ئېلان قىلغاندا سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن بۇ تەھدىتتىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە ئاخبارات ئىدارىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن 4:00 ئەتراپىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قىسمەن ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئەردوغان «بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسى» دېگەن، شۇ سەۋەبتىن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار سىياسىي ئۆزگىرىشتىن مۇددەتتىن بۇرۇن مۇداپىئە قىلمىغانلىقتىن ئەكسىچە ئەردوغاننى تەنقىدلىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا كۆپلىگەن پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلدى. مۇددەتتىن بۇرۇن مەلۇم دەرىجىدىكى ئاخباراتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بۇ يەنە بىر ئويلاندۇرىدىغان سۇئال. 
 

بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئەردوغان ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى ئورۇندىدىمۇ؟
بۇ قېتىملىق ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش توغرىسىدا ئەردوغاننى ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى ئورۇندىدى دەپ  يۈز پىرسەنت ھۆكۈم قىلىغىلى بولمايدۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان سۇئاللار بىزنىڭ جاۋاب ئىزدىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. «ۋاشىنگىتون ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى «ئەردوغان ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن» تېمىسىدىكى ماقالە ئويلىنىشقا ئىنتايىن ئەرزىيدۇ. ئوخشاش تۈردىكى ئوبزورنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تاراتقۇلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
15-ئىيۇل ھەربىيلەر ئەمدىلا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئاشۇ پەيىتتە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ۋە زۇڭلى ئىككىسى ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىدا سۆز قىلغان ھەمدە قىسمەن ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئوخشاشلا يەنە بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنى ئارمىيەدىكى گۈلەن ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سىياسىي ئۆزگىرىش ئەمدىلا يۈز بەرگەندىن كېيىنكى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەردوغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچنى جەزىملەشتۈرگەن. ناھايىتى روشەنكى، ئەردوغاننىڭ ھېچقانداق ئىسپاتقا تايانماي بىۋاستىلا گۈلەن ھەرىتىكىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللىشى ئەردوغانغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا كىمنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي مەسئۇل بولۇشى قىلچىمۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى جىنايەتنى كىمگە ئارتىش ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق.
ئەردوغان بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش «خۇدانىڭ سوۋغىسى» دەپلا قالماستىن، يەنە ئارقىدىنلا «بۇ بىزنىڭ ئارمىيەنى تازلىشىمىزنىڭ ياخشى پۇرسىتى» دېگەن. سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن نەچچە مىڭلىغان كىشى كونترول قىلىندى. 19-ئىيۇل تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومېتىتى جەمئىي 1577 نەپەر ئالىي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئارمىيە ئىچىدىكى يۇقىرى قاتلام گېنىراللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىق يوق ئەھۋالدا قولغا ئېلىندى. ئىگىللىنىشىچە، 1980-يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىشسىز قالغان مەمۇرلار سانى ئاران 4891 كىشى ئىدى، ئەكىسچە ھازىر قىسقىغىنە 36 سائەت ئىچىدىلا ئىشسىز قالغان مەمۇر سانى 52 مىڭ 151گە يەتتى. 
تۈركىيەدىكى بىر قىسىم مائارىپ ساھەسىدىكىلەردىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقى رايونىنىڭ سىياسەت مۇتەخەسسىسىمۇ ئەردوغان ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان قولغا ئېلىش تىزىملىكى بۇرۇنلا تۈزۈپ قويۇلغان، سىياسىي ئۆزگىرىشكىمۇ بەلكىم مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىنىپ بولغان بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇچۇر بولسا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىش باھانىسى بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلغان 2745 نەپەر سودىيە ۋە ئەدىلىيە ئەمەلدارى ئىچىدە بىر نەپەر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ 57 كۈن بۇرۇنلا قازا قىلغانلىقى بايقالدى، بۇ بىراقلا بۇنداق كۆپ كىشىنى تازلىغان ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا بۇرۇنلا تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاز دېگەندە ئىككى ئاي بۇرۇن تەييارلىق قىلغان، دەپ قارىدى.
باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقى ئەمەس، ئەكسىچە كېيىنكى ھەرقانداق نەتىجە كىمگە ئەڭ پايدىلىق. تۈركىيەلىك يازغۇچى ئەھمەت تاكاننىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا: بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش قىلچىمۇ مەغلۇپ بولمىدى، ئەكىسچە ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. ئالدىراپ-تېنىگەن سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشى تۈركىيەنىڭ دۆلەت سىستېمىسىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندەك قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىكلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە يوقالدى، ئىشەنچ يوقالدى، ئەمەلدارلار ئۆزئارا پاراڭلىشىشنى خالىماس بولدى، قارشى تەرەپنى دۈشمەن نەزىرىدە قاراش پەيدا بولدى.
ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، دۆلەت باشقا بىر توپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئەھمەت تاكان ماقالىسىدە يەنە ئىنتايىن مۇھىم بىر كىشىنى تىلغا ئالغان، ئۇ دەل ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئىنىسى-ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ گېنىرالى مەھمەت دىسلى. ئۇ ئىلگىرى ئەردوغان ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، سىياسىي ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈركىيە باش قوماندانى ھەمدە سىياسىي ئۆزگىرىشكە قوماندانلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن سىرت، كۆپچىلىك گرېتسىيەگە قاچقان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننى مۇنازىرە قىلغاندا، يەنە بىر خەۋەردە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 15 تىك ئۇچار ئايروپىلانى دەپ خەۋەر قىلىندى، ئۇلار كېيىن ئەرزىنجان شەھىرىگە قوندى دېيىلدى. ئەمما ھۆكۈمەت بۇ ئۇچۇرغا قارىتا نېمە ئۈچۈن مەخپىي ھالەتنى ساقلايدۇ؟ ئۇلار ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى ئورۇندىغان بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشتىكى ھەقىقىي جىنايەتچىمۇ؟
 

سىياسىي ئۆزگىرىش ئەردوغانغا پايدىلىقمۇ؟
بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئەردوغاننىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوبرازى ئىزچىل ياخشى ئىدى، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئەردوغاننىڭ قانۇنلۇقلىقى ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كەلدى. ئالدى بىلەن، 2013-يىلى ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چىرىكلىك سەتچىلىكى ئاشكارلاندى، بۈگۈنگىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە ئەردوغان سوتقا كېلىپ گۇناھىنى يۇيۇشقا ئامالسىز قالدى. ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرگەن ئەھۋالدا ئەردوغان ئاندىن سوتتا سوتلىنىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرەلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكچىتى زىيالىيلار ۋە سىياسىيونلار ئەردوغاننىڭ ئالىي مەكتەپ باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى يوق دەپ قارىغان، ھازىرغا قەدەر ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىسپات كۆرسەتكەن بىر قانچە دىپلوم نۇسخىسىنىڭمۇ ساختا ئىكەنلىكى بايقالغان.
تۈركىيە قانۇنى بويىچە، ئالىي مەكتەپ دىپلومى يوق پۇقرانىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتى يوق. ئۈچىنچى، ئەردوغان ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى سىياسىتى مەغلۇپ بولدى، تۈركىيە كۆپ قېتىملىق تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، كۇرد سىياسىتى مەغلۇپ بولدى، كۇرد تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كۈچى ۋە قوللاش نىسبىتى ئاشتى. تۆتىنچى، ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەغلۇپ بولدى. سۇرىيە مەسىلىسىدە ئەردوغاننىڭ خاتا خامچوتى سەۋەبىدىن، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر تۈركىيەگە كىردى، رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋېتىش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئەردوغاننىڭ رۇسىيەدىن كەچۈرۈپ سورىشى ئەردوغاننىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئۆكتىچىلەردىن كەلگەن بېسىممۇ بارغانسېرى چوڭايدى. بەشىنچى، ئەردوغاننىڭ ئون نەچچە يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىشىدا ئارمىيەدىن سىرت، باشقىسىنىڭ ھەممىسى ئەردوغاننىڭ كونتروللۇق دائىرىسىگە كىردى، ئەمما ھەربىيلەر ئىزچىل ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئەردوغانغا ئارمىيەنى تازلاشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ئەردوغان ھاكىمىتى قانداق بىر يولغا ماڭىدۇ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قىسقا مەزگىلدە تۈركىيە ئۆتمۈشتىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان سىياسىي مۇھىتقا كىرىدۇ. مەيلى نۆۋەتتىكى سىياسىي تۈزۈلمىنى داۋاملاشتۇرسۇن ياكى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم يولغا قويسۇن، ئىككىلىسى ھوقۇق تېخىمۇ مەركەزلەشكەن سىياسىي مۇھىت پەيدا قىلىدۇ. قارىماققا، نۆۋەتتە قانۇن تۇرغۇزۇش، ئەدىلىيە، مائارىپ ۋە ساقچى ساھەسىدىكى كىشلەر پەقەتلا بىر باشلىنىش، ناۋادا ئۆلۈم جازاسى دەۋرىگە قايتا قايتسا، تۈركىيە بەلكىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ش ئا ئە ت بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن. رۇسىيە بىلەن تۇيۇقسىزلا ناھايىتى دوستانە بولۇپ كېتىشىنى بەلكىم بىز بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش جەريانىدىكى ھالقا دەپ چۈشىنىشىمىز مۇمكىن.
ئىچكى سىياسەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، تۈركىيە جەمئىيىتى قۇتۇپلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ناۋادا بۇ يۈزلىنىشنى توسۇپ قالالمىسا، تۈركىيەدە ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نۆۋەتتىكى ئەھۋال كۇرد تېرورلۇق تەشكىلاتى بىلەن كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن سەلبىي تەسىرگە ئىگە، ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوبرازى زىيانغا ئۇچرىدى، تۈركىيە-سۇرىيە چېگراسى ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى بىر قىسىم گېنراللار تۇتقۇن قىلىندى، مەمۇرى ئەمەلدارلارنىڭ جىددى ھالەت ئېلان قىلىش قاتارلىق ئەھۋالى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە باشقا تېرورلۇق تەشكىلاتىغا تېخىمۇ كۆپ پىسخىك ئۈستۈنلۈك تەمىنلىدى.
مەتە يارار ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش باشقا ھەربىيلەرنى قورقۇتتى، ئارمىيە گازارمىدىن ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى دەپ قارىغان. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 20-ئىيۇل دۆلەتنىڭ ئۈچ ئايلىق جىددى ھالەتكە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنداق بولغاندا بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتى پۈتۈن دۆلەتكە چېچىلىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدە ئەھۋال تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى سىياسىتىنى قايتا تەڭشىشىگە ئېھتىياجلىق.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2