رۇسىيە ئىقتىسادى نېفىتقا تايانمىسىمۇ يەنىلا مۇقىم سەۋىيەنى ساقلىيالايدۇ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

رۇسىيە ئىقتىسادى نېفىتقا تايانمىسىمۇ يەنىلا مۇقىم سەۋىيەنى ساقلىيالايدۇ

مەنبە : گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى       ئاۋاتلىقى 1936   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 20-04-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

 مەنبە:  گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى مىدىۋىدىف رۇسىيە دۆلەتلىك دوماسىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئىقتىسادى زور سوممىلىق نېفىت ۋە تەبئىي گاز كىرىمى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا مۇقىم سەۋىيەنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
مىدىۋىدىف يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىزنىڭ خامچوت كىرىم قۇرۇلمىمىزدا ئۆزگىرىش يۈز بەردى، نېفىت ۋە تەبئىي گاز سېتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىرىم %60 كە يەتتى، بۇ ھال نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما بىز قوللانغان تەدبىرلەر ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، ئىقتىساد نېفىت ۋە تەبئىي گاز كىرىمى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا مۇقىم بولالايدۇ، بىز بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ ئاكتىپ ئىلگىرىلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، بىز يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز كېرەك.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بانكا كەسپىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇقىملاشتۇرۇپ، بانكىغا بولغان ئىشەنچى ساقلاپ قالغان. ئۇ يەنە يېقىنقى بىر يىلدا يىللىق پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ %8 تىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2