جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > مەملىكەت >

جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن

مەنبە : uynawa       ئاۋاتلىقى 3117   قىتىم   يوللىغۇچى : جۇۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 19-04-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

 جۇڭگو ئىقتىسادىدا قىسقا مەزگىلدە بە

لكىم U ۋە W شەكىللىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن

خېشۈن تورى خەۋىرى،  نااۋا تورى : دىن ئابدۇللاھ تەرجىمىسى
جۇڭگو بىرىنچى پەسىللىك GDP قىممىتى %6.7 ئۆرلىدى، بۇ بازارنىڭ مۆلچەرى بىلەن بىردەك. لېكىن بۇ بۇلتۇرقى تۆتىنچى پەسىلدىكى %6.8 تىن تۆۋەن، ھەم 2009-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن پەسىللىك ئۆسۈش سۈرئىتى. 2015-يىلى يىللىق GDP ئېشىش سۈرئىتى %6.9 ، بۇ يىل مۆلچەردىكى ئىقتىساد ئۆسۈش مۆلچەرى %6.5- %7 ئارىلىقىدا.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېڭى خەۋەر باياناتچىسى شېڭلەييۈننىڭ بۈگۈن يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا باسقۇچلۇق تۆۋەن نۇقتا ياساش ئەھۋالى كۆرۈلدى، قىسقا مەزگىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك U ۋە W شەكلى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك سودا يۈزلىنىشى بەلكىم L سىزىقىغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن.بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تۆت جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىساق: يۈرگۈزۈلىشى مۇقىم ، تۈزۈلۈشى ئەلا، نۇقتىلىرى يارقىن، مۆلچەردىكىدەك ياخشى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي باشلىنىشى ياخشى، بەزى ئاساسىي كۆرسەتمىلەردە ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى، مۇقىم ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى. لېكىن بىز چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىپ ئۆرلەش ھالىتىدە ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق بۆلىكىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز، ئىقتىسادنى تۆۋەنلىتىش بېسىملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم .
دەسلەپكى ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، بىرىنچى پەسىللىك دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1.58526 تىرىليون يۈەن، باھا سېلىشتۇرمىسىغا ئاساسەن ھېسابلىساق ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %6.7 ئۆرلىگەن .
ئىشلەپچىقىرىشنى بۆلۈش بويىچە قارىساق، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش ئېشىش قىممىتى 88.03 مىليارد يۈەن، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %2.9 ئۆرلىگەن؛ ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش ئېشىش قىممىتى 595.1 مىليارد يۈەن، %5.8 ئاشقان، ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش ئېشىش قىممىتى 902.14 مىليارد يۈەن، %7.6 ئاشقان.
2015- يىلىدىكى باھا بويىچە ھېسابلاشقا قارىغاندا، بۇ يىل بىرىنچى پەسىللىك GDP ئېشىش قىممىتى 98.51 مىليارد يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىن 2.22 مىليارد ئاشقان.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەش ئېشىش نىسبىتى توختاش ھالىتىدە، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش شەرتى بار. جۇڭگونىڭ تۈزۈلۈش تەلىپىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىقتىساد ئۆرلىشىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سۈپىتىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ.
بىرىنچى پەسىلدە ئىقتىساد تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى، يەر مۈلۈكچىلىكى ۋە ئۇل مۇئەسسەسەنىڭ كۈچلۈك تارتىپ يۇقىرىلىتىشى ئاستىدا 3-ئايدىكى ھاجەت 1- 2- ئايدىكىگە قارىغاندا چوڭ دائىرىدە ياخشىلاندى، 2- پەسىلدىكى ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدىغانلىقى، پۇل پاخاللىقى قىسقا مەزگىلدە ئۆرلەش دائىرىسىدە ساقلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. لېكىن ئىقتىساد ياخشىلىنىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم قوشۇشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئۈچ چوڭ خەۋىپنىڭ يوقىماسلىقى يەنىلا خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەتەرنى ئويلاپ قويۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مىنشېڭ ماكرو گۇرۇھىدىكى گۇۋەنچىڭيوۋ، جۇجېنشىنلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىساد چوڭ دەرىجىدە تەتۈر ئايلانمايدۇ ھەم كىچىك دەرىجىدىمۇ قاڭقىمايدۇ، ئەكسىچە ئوتتۇرا دەرىجىدە قاڭقىيدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى بەلكىم بىر ياكى ئىككى پەسىل بولۇشى مۇمكىن.
بۇ قېتىملىق قاڭقىش 2013- ۋە 2015- يىللىرىدىكى بىر نەچچە ئايلىق قاڭقىشتىن يۇقىرى بولىدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى بەلكىم بىر –ئىككى پەسىل بولۇشى مۇمكىن، يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولسا ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى پادىشاھىنىڭ قايتىپ كېلىشى. لېكىن بۇ قېتىملىق قاڭقىش 2009- يىلىدىكى قاڭقىشتىن ئاجىز، قانداقلا بولمىسۇن بۇ چوڭ كۆلەملىك قوزغىتىش ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا كۆلەملىك قوزغىتىش.
جوڭتەي ماكرو گۇرۇھىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىساد بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىگىچە كىچىك دەۋرىيلىك داۋاملىشىشى مۆلچەرلەندى، ئىككىنچى پەسىلدە بەلكىم يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆزنەك مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن. ئىقتىسادنى ھەقىقىي ئىچكى جەھەتتىن كۈچەيتىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىستېمالى ۋە ياساش كەسپىنىڭ ئۆرلىشىنى كۆزىتىش كېرەك، نۆۋەتتە ئىچكى كۈچ يەنىلا سىياسىي كۈچتىن ئاجىز. بۇ قېتىملىق ئىقتىساد كىچىك دەۋرىيلىكى ئۈچىنچى پەسلىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدائىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك، پۇل پاخاللىقى يېمەكلىك باھاسىغا ئەگىشىپ چۈشتى، چەتئەل ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تۆۋەنلەپ، پېرېۋوت نىسبىتى ۋە پۇل سىياسىتى ئۈچۈن تولۇقلاش بوشلۇقىنى ھازىرلاپ بەردى. ئىككىنچى پەسىلدە بەلكىم يىل ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كۆزنەك مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن، كېلەركى يېرىم يىلدا يەنىلا پۇل سىياسىتىنى قوزغىتىش بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويۇش زۆرۈر.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2